[00:00.000] 作词 : Rejez [00:01.000] 作曲 : Internet [00:32.200]خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم [00:39.701]بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن [00:47.699]جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش [01:02.699]ئانام ئۇقمىسۇن، ئانام ئۇقمىسۇن [01:04.696]ئۆتۈنەي ئىسمەمنى ئاتىماڭلار!ئانام ئۇقمىسۇن [01:07.885]ئانام تېنىچلىقتا يەنە بىر ئاز قېنىپراق ئۇخلىسۇن [01:10.380]شۇم خەۋەر ئەمەس، پەقەتلا غۇبارسىز بالىلىقىم ئانامنىڭ چۈشىنى يوقلىسۇن [01:14.628]بىرۋاق بولسىمۇ ئانام غەم يىمەستىن غىزادا قورساقنى توقلىسۇن [01:18.135]مەن بەڭباش چالغاندا ھاياتىمغا دۈدۈك،(پۈشتەك)‏ [01:20.131]ئانام پايپېتەك ئارقىمدا ھالى مۈدۈك،(كىچىك)‏ [01:22.128]ئېھ، بېچارە ئانامنىڭ مەڭزى ياشقا كۆنۈك [01:23.807]كۆز نۇرى سىرغىپ ئېقىپ كېتىپ ئەمدى كۆزى خۇنۈك.(نۇرسىز)‏ [01:26.050]ئانام ئۇخمىسۇن [01:26.802]گۆدەكلىكتە ئېغىناپ توپىدا ياتقاننى [01:29.056]ياشلىق- شاشلىقتا تاياق يەپ ياتقاننى [01:31.806]قىرانلىقتا مەندەك بىر زابوينىڭ كوچا گىرۋىكىدە قۇسۇق ئارىسىدا ياتقاننى [01:35.800]دەتتىكام دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپلا ئاتقاننى [01:38.054]غەپلەتتە پاتقاققا پاتقاننى [01:40.051]كىشىدىن ئېلىپ ھەم ساتقاننى [01:41.803]ئاز-كۆپ رىيازەت تارتقاننى [01:43.557]ھارام ئىشقا ھەسسەمنى قاتقاننى [01:45.555]مۇشەققەتتە ئۇھ تارتقاننى [01:46.995]جەبىرنىڭ تاغىرىنى جاپادا غولۇمغا ئارتقاننى [01:49.492]بىلىپ قالسا ئانام [01:50.491]بىچارە بالام [01:51.417]دەپ بولۇر بىئارام [01:52.415]ئاقسا يېشى تارام [01:53.414]ھالال دىماقتا نەپەسلىرىم ھارام [01:54.910]بولۇپ ھەتتاكى ئېغىرلاپ كېتەر مېنىڭ يۈرەك، دىل يارام [01:57.162]تىلىگىم ئانام بىر شېرىنلىق خۇرسىنىپ بالام ئامان دەپ كۆرسۈن چۈش [02:01.168]گەر ياتساممۇ مەن سوغۇق زەي *** رازى، ئانام ئۇخمىسۇن ۈششششش [02:05.861]خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم [02:13.361]بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن [02:21.360]جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش [02:36.049]كۆپ گۇنايىم [02:37.302]خىجالەتتىن خىجالەت كۆپ گۇنايىم [02:39.056]ۋاي يارىم گۈلئايىم [02:40.055]دەپ ئانام ئۇزغا بولالـمىدىم مۇلايىم [02:42.052]ئانام ئۇقمىسۇن مەندەك بىر يارىماس ئوغلى بولۇپ قالدى سايىم [02:45.545]بارا-بارا شۇنداق كۈنسايىن [02:47.298]چۈچۈك تىلىمدا ئانام ئەڭ گۈزەل دېگەن ئەھدەمنى بۇزۇپتىمەن ئانام ئۇقمىسۇن مەن بىر خائىن [02:51.975]بىر غۇلاش ھاياتىم ئۈستىدە، ئانامنى رازى قىلغىنىم بىر غېرىش [02:55.919]ئانام ئۇقمىسۇن ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تىكەن سىقىمداپ قانىسا پەنجىم.(بارماق) [02:59.672]دوزاقتەك ھاياتىم ئۈستىدە پەقەتلا ئانامدۇر گۈزەل بىر بېھىش [03:03.665]ئانام ئۇقمىسۇن بىر رەت بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولسۇن بۇ رەنجىم.(دەرد-ئەلەم)‏ [03:07.670]ئانام ھۆسنىدىن پەقەتلا بىر ئاز، بولسىمۇ يوقۇسۇن كۆڭلۈمدە تەشۋىش [03:11.420]ئانام ئۇقمىسۇن ئەي كۆزۈم ئۆتۈنەي ياش بىلەن دەردىمنى قىلـمىغىن تەرجىم [03:15.425]خۇشاللىقىم ئانامدا قالسۇن، مەن بىلەن يوقۇسۇن ماڭا تەۋە كەچمىش [03:19.419]ئانام ئۇقمىسۇن گەر كەتسەممۇ،ئانامنى رازى قىلسۇن ئارقىمدىن كەنجىم،(ئۆينىڭ كىچىكى)‏ [03:23.170]تىلىمغا تاش، گەر ئانام ماغدۇردىن قالسا ئانامنىڭ ئوڭ-سول يېقى مەن بولاي [03:26.919]گەر ئانام تۈگىسە، ئانام ياتقان «مازار غوجام»نىڭ ھەتتاكى شەيىقى مەن بولاي [03:30.925](ئەزگۈ بايانلار ئۈستىدە ماغدۇرۇم كۆپ، ئانامنى كۈلدۈرۈشكە يوقتۇر كۈش(كۈچ [03:34.675]ئىمكانىم ئۈستىدە قولۇمدىن كېلىشى پەقەتلا ئانام ئۇقمىسۇن ۈششششششش [03:39.415]خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم [03:47.092]بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن [03:54.592]جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ھۈششش